UyghurMain Dictionary
تەلۋە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلى كۇتا، كاللىسى جايىدا ئەمەس.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. تېگى - تەكتىدىن پەخىرلىنىش _ جىندىنىڭ ئىشى. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭنى كاردىن چىقىرىدۇ. تەلۋە بىلەن تەڭ بولما. گەپ قىلمىغىن تەلۋىگە، تەلۋە ئامراق غەلۋىگە. ئادەمنىڭ جېنى چىقىۋاتسا، گالزاڭنىڭ كۈلكىسى كېلەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلىدىن ئاداشقان.
ساق ، ئوڭ
ئەقلى - ھوشى جايىدا.
ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى. ئوڭ ساراڭدىن قورقماس. ساراڭ يۈگۈرگەن ياققا ساقمۇ يۈگۈرەر. قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس. جىندى جېنىدىن جۇدا بولمىغۇچە تۈزەلمەس. بىر ئېلىشاڭغۇ مىڭ ساقنى كاردىن چىقىرار. تەلۋە زەنجىر ئۈزەر. ئۇنىڭ بىر ۋىنتىسى كەم ئوخشايدۇ، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بېشىدا زاغۇنى (سۈيى) بار ئادەمگە ئەقىل ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولما. ئۇنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەس، بىر تاسقام بار كۆرۈنىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەلۋە، ساراڭ.
1 - 556
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەم، پۇرىقى ناھايىتى ئاچچىق.
تەلۋە بېدە.
بۇ ماي چۈچۈمەپتۇ، بىر ئاز تەلۋە ئىكەن.
ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، خۇيلىنىپ قالىدىغان، ساراڭ، كاج.
ئۇنىڭ كۆزى باستنىڭ تەلۋە چىرايىغا چۈشۈپلا، تېنى شۈركىنىپ كەتتى.
زىقى توشقان بىر تەلۋە قولىڭىزغا چۈشۈپتۇ - دە.
توسۇن، ھەددىدىن ئاشقان، غالجىر.
تەلۋە بوران. تەلۋە سۇ.