Chinese→UyghurMain Dictionary
特鲁赫泽斯
دۇنيا تارىخى
ترۇخزېس
(1488 - 1531) گېرمانىيىدىكى سۋابېن ئىتتىپاق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى. 1524 - 1525 - يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىنى باستۇرغان جاللات. سۋابېن ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن چىققان. سۋابېندا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەكسىيەتچى قوراللىق كۈچلەرنى يۆتكىۋالغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. 1525-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا فرانكونىيىدىكى قوزغىلاڭنى ئۇجۇقتۇرغان.