UyghurMain Dictionary
تەلفىق ئۇسۇلى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <قوشۇش>، <قۇراشتۇرۇش> دېگەنلىك بولىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى فىقھە ئىسلاھاتى داۋامىدا دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئىسلام مۇدېرنىزمچى ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەمەلىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەنبەسى، خاراكتېرى ئوخشاشمايدىغان، ھەتتا ئۆزئارا زىددىيەتلىك بەلگىلىمىلەر زورمۇزور يېڭى بەلگىلىمە قىلىپ قوراشتۇرۇلىدۇ. فىقھە مەنبەلىرىنىڭ پەرقلىق ياكى ئوخشاش ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا ئىسلام ئەنئەنىسىدە ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، فىقھەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قوللىنىلىدۇ.