Chinese→UyghurMain Dictionary
特兰提诺地方民族统一运动
دۇنيا تارىخى
ترېنتىنو يەرلىك مىللىي بىرلىك ھەىركىتى
ترېنتىنو رايونىدىكى ئىتالىيانلارنىڭ ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان مىللىي بىرلىك ھەرىكىتى. 1866-يىلى ئىتالىيە پرۇسسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ۋېنېتسىيىنى قايتۇرۇۋالغان. لېكىن بىسمارك قارشى تۇرغانلىقتىن ترېنتىنو يەنىلا ئاۋسترىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىتالىيىدە <مىللىي بىرلىك> نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ترېنتىنونىڭ تەۋەلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ياۋروپادىكى باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە ماسلىشىپ، مىللىي ھەرىكەتنى باسقان، ھەتتا باستۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1919-يىل 9-ئايدىكى <مۇقەددەس گېرمان شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، ئىتالىيە ترېنتونى قايتۇرۇۋالغان.