Uyghur←ChineseMain Dictionary
تەكرار تەرتىپ
Domain: بىئولوگىيە重夏序列
zhòngxiàxùliè
DNA نىڭ ئەسلىگە كېلىش كىنېتىكىسىنى تەتقىق قىلغاندا، ھەقىقىي يادرولۇقلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە نۇرۇغۇنلىغان تەكرارلانغان تەرتىپىنىڭ بارلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، يۇقىرى دەرىجىدە تەكرارلانغان ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ خېلى تېز ئەسلىگە كېلىدۇ. قىسقا نۇكلېئوتىد تەرتىپى (2 - 10 دانە نۇكلېئوتىد) دىن تۈزۈلگەن ئاساسىي تەرتىپى بىر قانچە مىليون قېتىم تەكرارلانغان DNA پارچىسى يۇقىرى دەرىجىدىكى تەكرار تەرتىپ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە غەيرىي خروموسوما ئۈستىگە جايلاشقان. <سۈنئىي ھەمراھ DNA> مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن باشقىلىرىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئافرىقا يېشىل مايمۇنى DNA سىدە ئۇزۇنلۇقى 172 دانە ئىشقار رادىكال جۈپىدىن تۈزۈلگەن ئاساسىي تەرتىپى بىر قانچە مىليون قېتىم تەكرارلانغان. يەنە بىر خىلى ئوتتۇرا دەرىجىدە تەكرارلانغان تەرتىپى بولۇپ، تەكرارلىنىش قېتىمى بىر قانچە ئوق قېتىمدىن بىر قانچە مىڭ قېتىمغىچە بولىدۇ، مەسىلەن، rRNA گېنى، گىستون گېنى، مىئوگلوبىن گېنى قاتارلىقلار. ئۈچىنچى خىلى يەككە كوپىيىلىك گېندۇر. تەكرارلانغان تەرتىپىنىڭ بەزىلىرى ئوخشىمايدىغان جەمەتلەرنى تەشكىل قىلىدۇ، بىر جەمەتنىڭ ئىچىدە يەنە تەكرارلانغان تەرتىپى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ خىل تەكرارلانغان تەرتىپنىڭ كۆپىدە ئىككى تال زەنجىر پۈتۈنلەي كۆچۈرۈلىدۇ. تەكرار تەرتىپنىڭ فۇنكىسىيىسى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنماقتا.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.