Uyghur←ChineseMain Dictionary
تەكىيە كاۋا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
冬瓜
dōng guā
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، كاۋىغا ئۇرۇقداش پېلەكسىمان ئۆسۈملۈك
بولۇپ، غولىدا يىپچىلىرى بولۇپ، مېۋىسى شار ياكى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە تۆشۈكچىلىرى ياكى ئاق پاراشوكلىرى بولىدۇ؛
ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە
ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تەكىيە كاۋىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش، سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك قوزغىلىش، ھەرخىل
قاناشلىق كېسەللىكلەر ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىنى ئېزىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈك كۆيۈشۈپ كېلىش ۋە يۈرەك قوزغىلىشقا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
تەكىيە كاۋا شۆپۈكى ۋە كۆممىقوناق ساقىلىنىڭ ھەر بىرىدىن 50 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان
سۇلۇق ئىششىق ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەكىيە كاۋا شۆپۈكى ۋە خام كەتىرانىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەكىيە كاۋا ئۇرۇقىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
枕瓜
zhěn guāDيېزا ئىگىلىك
冬瓜
dōng guāDئۇنىۋېرسال
冬瓜
dōng guā
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
(1)ئوڭ قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى سول مۇشتۇمىنىڭ چىمچىلىقى ئۈگىسىگە تەگكۈزىدۇ. (2) ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ، بارمق ئۇچىنى بىر - بىرىگە قارىتىدۇ ۋە ئوڭ - سولغا تارتىپ، ئېللىپىس ھاسىل قىلىدۇ، يەنى تەكىيە كاۋىنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىدۇ