UyghurMain Dictionary
تەجەللى ساھىب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1856 - 1925) مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تىۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەينخان ئەكبەر تەجەللى ھەزرەتلىرى مىلادى 1856 - يىلى قاغىلىق ناھايىسى زۇڭلاڭ يېزا ئايكەنت كەنتىدىكى دىنىي ئالىم، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ھەزرەتلىرىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا - ئانىسى ئۇنى مەككىگە ئېلىپ بارغان ۋە باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مەككىدە ئالغان. قۇتبىدىن شاھ پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە تەجەللىنى ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغان. تەجەللى ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىدىكى <دېھلى دارىلئۇلۇم> مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ <ئىسفاھان دادىلفۇنۇنى> دا، كېيىن ئافغانىستاننىڭ <كابۇل دارىلفۇنۇنى> دا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا خىمىيە، تېبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، ئەرەب، پارس، ئوردو ۋە ھىندى تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن. بۇلاردىن تاشقىرى دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەنمۇ پىششىق تونۇشقان، ئاشۇ ساھەدىكى پېشىۋالارنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ نەتىجىلەر بىلەن <مەۋلىۋى> لىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، زامانداشلىرى ئۇنىڭغا <تەجەللى - مۇجەللى> دېگەن تەخەللۇسنى ھەدىيە قىلغان. ئوقۇشنى تاماملىغان تەجەللى مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، ئىستانبۇل، ھەتتاكى رۇسىيىدىكى بەزى شەھەرلەرگىچە بېرىپ، خېلى بىر مەزگىللەرگىچە ساياھەت ۋە سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن تۇرۇپ قالغان. كېيىن يەكەنگە كېلىپ يەكەندىكى <يېشىل مەدرىسە> گە مۇددەرىسلىككە تەيىنلەنگەن، ئەمما ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن گۇما، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان.
دورىگەرلىك جەھەتتە، قەدىمكى تېببىي كىتابلارىدىكى نۇسخىلار ۋە ئۆزى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن نۇسخىلار ئاساسىدا تەرياق، ھەببى زۇفا، ھەببى جەۋھىرى ئازاراقى، پولات كۈشتىسى، سىماب كۈشتىسى ۋە بەدەننى كۈچلەندۈرىدىغان ھالۋايى بەيزە قاتارلىق ئېسىل دورىلارنى ئىجاد قىلىپ، خەلقنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان. ئۇ <تەجەللى نۇسخىلىرى> ناملىق رېتسىپنى قالدۇرۇپ كەتكەندىن باشقا نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ 7000 خىل دورا نامىنى بىلگەن. 5000 خىلچە دورا ياسىغان، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان.
تەجەللى جامائەتچىلىككە دىنىي ئالىم ۋە مەشھۇر تېۋىپ سۈپىتىدە تونۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خېلى كۆپ ۋاقتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلانغان. ئانا تىلىدا ئەدەبىيات ۋە تېبابەتكە دائىر مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى ياراتقان. جۈملىدىن ئۇ، شېئىرىيەت ساھەسىدە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھىندى، ئەرەب، پارس، ئوردۇ، تۈرك تىللىرىدا كۆپلىگەن غەزەل ۋە قەسىدىلەرنى يېزىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى نامايەن قىلغان.
ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <بەرقى تەجەللى - سەبىقى مۇجەللى> ئىلغار زاتلارنىڭ تەشەببۇسى، باھاۋۇدۇن باينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قەشقەردە قۇرۇلغان <مەتبەئەيى خۇرشىد> مەتبەئەسىدە 1899 - يىلى 1000 نۇسخا بېسىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئالىمنىڭ نامى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىپ، ئۇنى يۈكسەك شۆھرتكە ئىگە قىلغان.
ھازىر بار بولغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالىمنىڭ <بەرقى تەجەللى، سەبىقى مۇجەللى> ناملىق 144 بەتلىك شېئىرلار توپلىمى (بۇ توپلام <دىۋان تەجەللى> نامى بىلەن بۇلغارىيىدە نەشر قىلىنغان)، <تۆھفەتۇل بەررەيىن> (سۇلتان ئابدۇلھەمىت سانىگە شائىر تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان، <دىۋان پەرەبى>، <مەجمۇئەتۇل قەسائىد>، <سەبدەرنامە>، <تىلسىمىئىشىق>، <ساقىينامە>، <مۇراققى كەلىمە شەرىف> ناملىق كىتاب ۋە توپلاملىرى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىنگەن. بۇ شېئىرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئالىمنىڭ ھايات چاغلىرىدىن تارتىپلا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدرىسلەردە ئەدەبىيات دەرسلىكى قىلىنغان.
ئەينى دەۋرنىڭ داڭدار ئۆلىما - مۇددەرىسلىرىدىن بولغان ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇجېلىل، يەكەنلىك سالىھ داموللام، زېرىپ قارىھاجىم، پوسكاملىق ئىسراپىل داموللام، قاغىلىقلىق مۇتىئۇللا ئەلەم، ئابدۇۋاھتى قازاخۇنۇن قاتارلىقلار ئۇنىڭ دىنىي ئىلىمدىن ۋە ئەدەبىي تەلىماتىدىن ئىلھام ۋە روھىي ئوزۇق ئالغان. گەرچە ئۇ ئۆمرىدە مۇددەرىسلىك بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى ئەينى چاغدىكى قەشقەر ئۆلىمالىرىنىڭ مەنىۋى ئۇستازى دەپ تونۇغان. شۇڭا <تەجەللى ساھىب> دېگەن نام بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.
ئۇ 1925 - يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 12 - كۈنى 69 يېشىدا قاغىلىقنىڭ يېتىملىقۇم يېزىسىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.