UyghurMain Dictionary
تەيزى مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىڭۋۇ ناھىيىسىدىكى چۇڭشىن بازىرى تەپزى مەھەللىسىدە. 1931 _ يىلىدىن 1937 _ يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان.رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ مەسچىتنى ئۈچ قېتىم ھەج تاۋاپ قىلغان ياڭ ۋېنخۇا ئاخۇن چەت ئەللەردىكى مەسچىتلەرنىڭ شەكلىدە سالدۇرغان. نىڭشادا ئەرەب بىناكارلىقى شەكلىدە سېلىنغان تۇنجى مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. ئەزان ئېيتىدىغان ئۈچ قەۋەتلىك مۇنارى بار. مىئزەنە، نامازخانا، دەرىسخانا، سەراپ، مەدرىسە، دىنىي ئىپتىدائىي مەكتەپ، قىزلار دىنىي مەكتىپى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار سېلىنغان. 1980 _ يىلى ئەسلىي شەكلى بويىچە سېلىندى.