UyghurMain Dictionary
تەييۈەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدىكى ئازادلىق كوچىسىنىڭ جەنۇبىدا. 1876 - يىلىدىكى خاتىرىدىن قارىغاندا، «بۇ مەسچىت 785 - يىلىدىن 805 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان.1034 - يىلىدىن 1038 - يىلىغىچە يېڭىلانغان. ھەر بىر سۇلالە دەۋرىدە يېڭىلىنىپ تۇرغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلگەن» ھازىرقى ئىمارەتلەر مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى سېلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2700 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بىنا قۇرۇلۇشىغا ياغاچ ئىشلىتىلىپ، ئەگمىسى خىش بىلەن ياسالغان. تۈۋرۈكلەر نىلۇپەر ۋە ئەرەبچە خەتلەر بىلەن بېزىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن ئەرەب ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىر - بىرىگە سىڭدۈرۋېتىلگەن. بۇ مەسچىتتە نۇرغۇن ئاسار ئەتىقىلەر ساقلانغان.