UyghurMain Dictionary
تەھرىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەنئى قىلىش، ھارام قىلىش، قايتۇرۇش، ياندۇرۇش:
... سەبا بۇلبۇلنىڭ كۆڭلىنى گۈلى قەھقەھدىن تەھرىم
قىلپ، قىزىل گۇل قاشىغە تەكلىف قىلغانى.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەنئى قىلماق، ھارام قىلماق، ھاراملىققا چىقارماق.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <چەكلەنگەن>، <شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان> دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىبادەت تۈزۈمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى نامازخان نامازنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلسا، ناماز دۇرۇس بولمايدۇ. شۇڭا نامازخانلارنىڭ ھەممە خىياللاردىن نېرى بولۇپ ناماز ئوقۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.