UyghurMain Dictionary
تەھافۇتۇل تەھافۇت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <زىددىيەتنىڭ زىددىيىتى> دېگەنلىك. بۇ داڭلىق ئەرەب - ئىسلام پەلسەپە ئەسىرى. بۇ ئەسەرنى ئىبنى رۇشىد يازغان. غەززالىنىڭ <تەھافۇت ئەل فەلاسىفە> ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن 1180 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كىتاب بولۇپ چىققان. ئىبنى رۇشىدنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتى غەززالىنىڭ ئىبن سىنا، ئەبۇ نەسىر فارابى ۋە باشقا پەيلاسوپلارنىڭ راتسىئونالىزمغا قىلغان ھۇجۇمىغا بىر - بىرلەپ رەددىيە بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، غەززالىنىڭ ئەسىرىدىكى ئۆزئارا زىددىيەتلىك بايانلارنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەززالىنىڭ ئىبن سىنا، ئەبۇ نەسىر فارابى قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ يېڭى ئەپلاتونىزمچىلارنىڭ <تېشىپ چىقىش> تەلىماتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىشىنىمۇ قوبۇل قىلغان. بۇ كىتاب مەلۇم مەنىدە كېيىنكىلەرېگە يېڭى ئەپلاتونىزمچىلار بۇرمىلىۋەتكەن ئارىستوتېل تەلىماتىنى يېڭىۋاشتىن تونۇتىدۇ. بۇ قاراشلار 1195 - يىلى ئېلان قىلىنىپ، مۇۋەھىھدلەر سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ ۋە مۇتەئەسسىپ ئۆلىمالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. كىتاب چەكلەندى. مۇئەللىپ سۈرگۈن قىلىندى. بۇ ئەسەر 1930 - يىلى بېيرۇتتا رەسمىي نەشر قىلىندى.