UyghurMain Dictionary
تەڭگە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كۈمۈش پۇل؛ چاقا.
تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىندا.* ئالتە تەڭگەم بار، ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار، نار ئالىمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بەزى دەرەخلەرنىڭ پۈپۈكى.
سۆگەتلەر تەڭگە بولدى، چوكانلار بەڭگە بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روسىيىنىڭ، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇل بىرلىكى. «سوم»، «تەڭگە»، «چىرۋان» ئۇيغۇر، ئۆزبەك تىلىدا ئاتىلىشى.
رۇبلىنىڭ قىمىتى كېينكى كۈنلەردە بەك چۈشۈپ كەتتى. تېخى 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىلا بىر رۇبلى 6.7 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولسا، 1991 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بىر دوللار 47 رۇبلىگە تەڭ بولدى.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تەڭگە - ھازىر ئۇ پۇل بىرلىكى پۇلنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىدۇ. تەڭگە شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كېيىن پەيدا بولغان كۈمۈشتىن يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان پۇل ۋە پۇل بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، يېقىنقى زامانلارغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قىممىتى ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزگىرىپ تۇرغان. ئەڭ دەسلەپ تارقىتىلغان تەڭگە كۈمۈش پۇل بولۇپ، 1 تەڭگە 1 سەر كۈمۈشكە تەڭ ئىدى. 1 تەڭگە 50 مىسقال ھېسابلىناتتى. كېيىنچە كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېڭى قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل قۇيدۇرۇپ تارقىتىشى نەتىجىسىدە تەڭگىنىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولغان. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، يەكەندە قۇيۇلغان تەڭگىنىڭ قىممىتىدە ئۆزگىرىش بولماي، باشتىن - ئاخىر بىر تەڭگە 50 مىسقال بولۇپ كەلگەن؛ ئاقسۇ، ئۇچتۇرپاندا قۇيۇلغان تەڭگە 100 مىسقالغا باراۋەر بولغا.
1900 - يىللاردا كۈمۈش پۇللار ئاساسەن <تەڭگە> دەپ ئاتالغان. 1886 - يىللىرى ئەتراپىدا تەڭگە <چوڭ تەڭگە> ۋە <كىچىك تەڭگە> دەپ ئىككى خىل بولغان، يەنى بىر سەرلىك كۈمۈش پۇل <چوڭ تەڭگە>؛ بىر سەردىن كىچىك بولغان كۈمۈش پۇل <كىچىك تەڭگە> دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 1900 - يىللاردا 50 پۇلغا باراۋەر كېلىدىغان، 25 پۇلغا باراۋەر كېلىدىغان تەڭگىلەرمۇ قۇيۇپ تارقىتىلغان. بۇنداق <پۇل> لار مىستىن قۇيۇلغان ئوتتۇرىسى تۆشۈك قۇيما پۇل بولۇپ، <داچە> دەپ ئاتالغان. كروپاتكىننىڭ يېزىشىچە <ئەينى يىللاردا شىنجاڭدا يەنە بۇخارا قۇقەنتلىقلارنىڭ بىر سەرلىك تەڭگىسىمۇ ئاقىدىكەن، بۇمۇ بىر خىل كۈمۈش پۇل بولۇپ، قىممىتى روسىيىنىڭ 20 تىيىنىگە تەڭ كېلىدىكەن. قوقەنتنىڭ بىر سەرلىك تەڭگىسى ئېغىرلىقى جەھەتتە قەشقەرنىڭ تەڭگىسىگە باراۋەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەت غەزىنىسىگە بىر يېرىم تەڭگە ھېسابىدا كىرىم قىلىنىدىكەن. ياقۇپبەگ بىر سەرلىك قوقەنت تەڭگىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى ئۆزى قۇيدۇرۇپ تارقاتقان تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ يىغىۋاپتۇ - دە بىر سەرلىك قوقەنت تەڭگىسىدىن يېڭى بىر سەرلىك تەڭگە قۇيدۇرۇپتۇ. ئۇ مۇشۇنداق ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ناھايىتى كۆپ پايدا ئالغان ئىكەن>. بۇنىڭدىن <تەڭگە> نىڭ تارىختىكى قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئەينى دەۋردىكى چىرىك ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىش قىلمىشىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ (ئا. ن گروپاتكىن: <قەشقەرىيە> 52 -، 82-، 83 - بەتلەر).
ھازىر قازاقىستاننىڭ پۇل نامى <تەڭگە> بولۇپ، بىر تەڭگە 100 تىيىنغا تەڭ. 1998 - يىلىدىكى مەلۇماتتا 1 يۈەن جۇڭگو پۇلىنىڭ توققۇز تەڭگە 23 تىيىنغا، بىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 76 تەڭگە 40 تىيىنغا، بىر ياۋرونىڭ 83 تەڭگە 14 تىيىنغا ئايرىۋاشلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۈمۈشتىن يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان پۇل.