Uyghur←ChineseMain Dictionary
تەڭگىچە قاسىراقلىقلار ئەترىتى
Domain: بىئولوگىيە鳞甲目
línjiǎmù
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىغا تەۋە. بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلىرى ئاز بولۇپ، پەقەت تاغ تېشەر ئۇرۇقدىشى (Manidae) نىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 40 - 45 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ياپىلاق، توم ھەم بەدىنىدىن قىسقىراق بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 27 - 35 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بەدىنى ۋە قۇيرۇقى كاھىش تەقلىدىدىكى مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچە پلاستىنكا (قاسىراق) لار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، شەكلى تەڭگىچىلىك زاغرا بېلىققا ئوخشايدۇ (شۇڭا خەنزۇچە نامى بىلەن زاغرا بېلىق نامىنىڭ ئاتىلىش ئاھاڭى بويىچە بېرىلگەن)؛ بېشى كىچىك، كونۇسسىمان، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، ئېغىز، قۇلاق، كۆزلىرى ناھايىتى كىچىك، چىشى يوق، تىلى ئىنچىكە ئۇزۇن بولۇپ، 25 سانتىمېتىرغىچە ئۇزىراپ چىقىپ ئۇزۇنلۇقىنى يېپىشتۇرۇپ تۇتالايدۇ؛ تۆت پۇتى قىسقا، توم قۇۋۋەتلىك، تىرناقلىرى كۈچلۈك، ئۆتكۈر بولۇپ، يەرنى تاتىلاپ ئوزۇقلۇق تاپالايدۇ ياكى چۈمۈلە ئۇۋىلىرىنى كولايدۇ. ئۇ كامار كولىغاچقا <تاغ تېشەر> دەپ ئاتالغان. ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈلىرى ناچارراق، پۇراش سېزىمى سەزگۈر. چۈمۈلە، ئاق چۈمۈلە قاتارلىقلارنى تىلى بىلەن تۇتۇپ يەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق. بۇ ئۇرۇقداش يەتتە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈرى ئافرىقىغا، ئۈچ تۈرى ئاسىيا تارقالغان. مەملىكىتىمىزدىن چىقىدىغان تاغ تېشەر (Manis pentadactyla) جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قاسىرىقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، تەبىئىتى سەل سوغۇق، تەمى تۇزلۇق بولۇپ قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق رولى بار. بۇرۇن مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلاتى 5000 كىلوگرامدىن ئاشاتتى. بىراق كىشىلەر ئۇنى قالايمىقان ئۇۋلاۋەرگەنلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ قاسىراقلىرىنى يىغىۋېلىش قىيىنلاشماقتا. دۆلەت ئۇنى قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈپ تۈرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خالىغانچە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى چىقاردى.
Domain: ئۇنىۋېرسال有鳞目
yǒu lín mù
GetWord Corpus
9有鳞目
yǒu lín mù
鳞甲目
lín jiǎ mù
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.