Uyghur←ChineseMain Dictionary
تەبىئىي ئىممۇنىتېت
Domain: بىئولوگىيە天然兔疫
tiānrántùyì
جانلىقلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل تۈر سىستېمىسى بويىچە يېتىلىش ۋە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى جەريانىدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن ئىممۇنىتېت كۈچى. بۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئىندىۋىتتا تۇغۇلغاندىلا، ئاندىن نەسلىگە ئۆتىدىغان بولغاچقا، تۇغما ئىممۇنىتېت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلاردىكى تەبىئىي ئىممۇنىتېت تېرە ۋە شىللىق پەردە توسۇقى، يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەردە، نورمال تەن سۇيۇقلۇقىدىكى مىكرو ئورگانىزمغا قارشى ھەر خىل ماددىلار (كومپلېمېنت، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىم، ئىنتېرفېرون) قاتارلىق فاكتورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبىئىي ئىممۇنىتېت ئامىللىرىنىڭ ھەر خىل مىكرو ئورگانىزملارغا بەلگىلىك دەرىجىدە قارشى تۇرۇش كۈچى بولىدۇ، ئالاھىدە تاللاش خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ، شۇڭا بۇلار ئالاھىدە بولمىغان ئىممۇنىتېتقا كىرىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسالtiān rán miǎn yì
天然免疫
Domain: تېببىي天然免疫
tiān rán miǎn yì