UyghurMain Dictionary
تەبرەشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تەۋرەشتى.
كىشى قامۇغ تەبرەشدى _ ھەممە كىشى تەۋرەشتى. شۇنىڭدەك ھەرقانداق نەرسىنىڭ تەۋرىشىگىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( تەبرەشۈر _ تەبرەشمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئول قار قامۇغ قىشىن ئىنار
ئاشلىق تارىغ ئانىن ئۈنەر
ياۋلاق ياغى مەندە تىنار
سەن كەلىپەن تەبرەشۈر
«پۈتۈن قار قىشتا چۈشىدۇ،
تېرىق، بۇغداي شۇنىڭ بىلەن ئۈنىدۇ،
ياۋۇز دۈشمەن مەندە تىنىدۇ،
سەن كېلىش بىلەن تەۋرىشىدۇ.»
ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىرىسى تەسۋىرلەنگەندە، قىش يازغا قارىتىپ شۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن قار قىشلىقى ياغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يازدا ئىشلىقلار ئۈنىدۇ؛ دۈشمەن قىشتا تىنچىيدۇ، ئۇرۇش قىلمايدۇ، ئەي، ياز! سەن كېلىش بىلەن ئۇ ھەركەتلىنىدۇ.
2 - 292