UyghurMain Dictionary
تائىف غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مۇھىم شەھەر - تائىف (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدە) نى قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش. ھەۋازىن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تائىفقا بېرىۋالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ، بۇ مۇھىم شەھەرنى قورشاپ، ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا قىستىدى. لېكىن، ئۈنۈمى بولمىدى. بىر ئاي قورشىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنى مەككىگە قايتتى. بۇ ئۇرۇش تائىفتا بولغانلىقتىن تائىف غازىتى دەپ ئاتالدى.