Chinese→UyghurMain Dictionary
塔西尼
دۇنيا تارىخى
تاسسىگنىي
(1889 - 1952). فرانسىيىلىك ھەربىي. 1913-يىلى سان سىر ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1921 - 1952 - يىللىرى مەراكەشتە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ۋېيگاند شتابىدا ئىشلىگەن. 1939-يىلى دىۋزىيە باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋىشى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقتىن، 1942-يىلى 11-ئايد قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى يىلى ئالجىرىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1944-يىلى 8-ئايدا، بىرىنچى ئارمىيىگە باشچىلىق قىلىپ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدا قۇرقلۇققا چىققان ھەمدە گېرمانىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن. 1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى فرانسىيىگە ۋەكالىتەن گېرمانىىنىڭ تەسلىمنامىسىگە ئىمزا قويغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئارمىيە باش نازارەتچىسى (1945) ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى (1949) بولغان. 1950-يىلى ھىندىچىنىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ۋالىيىسى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيە مارشالى دېگەن نام بېرىلگەن.