Uyghur←ChineseMain Dictionary
تاتىششېۋ
Domain: دۇنيا تارىخى塔吉舍夫
tǎ jí shě fū
(1686 - 1750) روسىيىلىك تارىخشۇناس. موسكۋا قۇرۇلۇش ۋە توپچى قىسىم مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1741 - 1745 - يىللاردا ئاستراخاننىڭ گوبېرناتورى بولغان. روسىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، <روسىيىنىڭ قەدىمكى زامان قانۇنلىرى>، <1550 - يىل قانۇنى> قاتارلىق تارىخىي ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم تۈزگەن ھەمدە نەشر قىلدۇرغان ۋە تەپسىلىي ئىزاھات بەرگەن. ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ يېزىپ چىققان <قەدىمكى زاماندىن بۇيانقى روسىيە تارىخى> روسىيىنىڭ تۇنجى ئومۇمىي تارىخى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تېپىشقا تىرىشقان؛ چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى كۈچىنىڭ بارىچە مەدھىيىلىگەن؛ تۇنجى قېتىم روسىيە تارىخىنى دەۋرگە ئايرىشنى ئېلىپ بېرىپ، شەخسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان دەۋر (1132 - 1462) ۋە شەخسنىڭ ئىتىبدات ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دەۋر (1462 - يىلىدىن كېيىن) گە بۆلگەن. ئۇنىڭ تارىخ قارشى روسىيە تارىخشۇناسلىقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.