Uyghur←ChineseMain Dictionary
تاتون دۆلىتى
Domain: دۇنيا تارىخى直通国
zhí tōng guó
تاناسارم دەپمۇ ئاتىلدۇ. مونلار ھازىرقى بىرمىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا رايونىدا قۇرغان قەدىمكى دۆلەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە قۇرۇلغان. پايتەختى تاتون. تاشقى سودىسى راۋاجلانغان بولۇپ، جۇڭگو، ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، جەنۇبىي ھىندىستان يېزىقىنى قوللانغان. تۆۋەنكى بىرمىنىڭ بۇددا مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 1057 - يىلى پاگان خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ئاناۋراختا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.