UyghurMain Dictionary
تاڭسۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەكرىنىڭ تەمىدەك بىر خىل تەم.
بىر خىل يەرلىك ھاراقتىن ئىچىۋىدىم، قېرىق ئىكەن، قەي قىلغۇم كېلىپ كەتتى، قىردىن ئاشقانغا ھەممە قىرتاق بىلىنەر. گۆش كۆرمىگەنگە ئۆپكە تاڭسۇق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاڭسۇق.
تاڭسۇق نەڭ _ تاڭسۇق نەرسە. ئادەم بەزى - بەزىدە ئېرىشىپ قالىدىغان ئېسىل تاماقلارنى « تاڭسۇق ئاش _ تاڭسۇق ئاش» دېيىش ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن.
3 - 522
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تاڭⅦ > گە قاراڭ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەپىس، ئاجايىپ، قىممەتلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەمى غەلىتە، ئۆزگىچە.
پىۋا ئۇنىڭغا بەكلا تاڭسۇق بىلىندى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نەپىس، قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.