Uyghur←ChineseMain Dictionary
تاسسىلى ناججېر
Domain: دۇنيا تارىخى塔西里.纳吉尔
tǎ xī lǐ .nà jí ěr
شىماىي ئافرىقىدىكى تاش سۈرەت خارابىسى. ئالجىرىيە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50 - 60 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى مىڭ نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان تاغ تىزمىسىدا. ئاساسىي خارابىلەر سېفار، تان زىۋەنتاغ، تاملېت، ئۇيېت. جىرات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 1909-يىلدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن تېپىلغان. كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىپ بارغان بولۇپ، ئاساسەن قوپال دەۋرى؛ ئوۋچى دەۋرى؛ كالا بېقىش دەۋرى؛ ئات دەۋرى؛ تۆگە دەۋرىگە بۆلۈش مۇمكىن. دەسلەپكى مەزگىلدە بىر قانچە تەسۋرىي سۈرەتلەر بولسىمۇ، ئەمما تولىسى رەڭلىك رەسىم بولۇپ، ئوۋچىلىق، چارۋا بېقىش، جەڭ قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلىگەن. ئاخىرقى مەزگىلدە يېزىق پەيدا بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.