UyghurMain Dictionary
تاشلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«تاش Ⅰ» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
1 . تاش كۆپ جاي.
تاشلىقتىن تاش توشۇماق. * مەنىسىز ياشلىق _ سايدىكى تاشلىق (ماقال).
2 . سۈپەت («تاش Ⅰ» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان). تاش كۆپ، تاش بار. تاشلىق يەر، * تاشلىقتا ئات پۇتتىن كېتىدۇ.
ئاتۇشنىڭ يولى تاشلىق،
ئاتۇشتا بولار ئاشلىق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«تاش Ⅱ نىڭ 2 -» گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
1 . تاشلانغان، تېشى بار.
تاشلىق جۇۋا. * يالاڭ تاشلىق چاپان. * ئاق تاشلىق كىتاب. * قىزىل تاشلىق كىنىشكا.
2 . تاش قىلىشقا تەييارلانغان، تاش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان. تاشلىق رەخت ئالدىم.
3 . ئىسىم («تاش Ⅱ نىڭ 2 -» گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان). تاش قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ياكى تاش قىلىنغان نەرسە. جۇۋىنىڭ تاشلىقى كونىراپ كېتىپتۇ. * يوتقاننىڭ تاشلىقى جايىدا بولماپتۇ، قىزىل بولۇپ قاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قۇشلارنىڭ ئاشقازىنى.
توخۇنىڭ تاشلىقى. * كەپتەرنىڭ تاشلىقى.
بىئولوگىيە
ئادەتتە قۇشلارنىڭ ئاشقازىنىنى كۆرسىتىدۇ (ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىن سازاڭ قۇرتىنىڭ ئاشقازىنىمۇ خەنزۇچىدا قۇشلارنىڭكىگە ئوخشاش ئاتىلىپ، ئادەتتە <قۇم خالتىسى> دېيىلىدۇ)، ئالدىنقى ئۇچى ئالدىنقى ئاشقازانغا، ئارقا ئۇچى ئىنچىكە ئۈچەيگە تۇتىشىدۇ. تاشلىق بوشلۇقىنىڭ ناھايىتى قېلىن مۇسكۇل دىۋارى بولۇپ، دىۋار سىرتىنى بىر قەۋەت مۈڭگۈز ماددىلىق تېرە ئوراپ تۇرىدۇ. بۇنداق خالتىسىمان تۈزۈلۈش ئادەتتە دان، قاتتىق مېۋە قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدىغان ھەمدە ئادەتتىكى ئارىلش ئوزۇقلىنىدىغان قۇشلاردا ئۇچرايدۇ. تاشلىقتا قۇم ۋە تاش پارچىلىرى ساقلانغان بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى يانجىشقا ئىشلىتىلىدۇ. گۆشخور قۇشلارنىڭ تاشلىقىنىڭ دىۋاى نېپىزرەك بولۇپ، مۈڭگۈز ماددىلىق تېرىسىمۇ بولمايدۇ، توخۇنىڭ بۇنداق مۈڭگۈز ماددىلىق تېرىسى <قانىسە> دەپ ئاتىلىپ، يۇيۇپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن مەشھۇر جۇڭيى دورىسى قىلىنىدۇ. ئۇ تاماقتىن قېلىپ قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش، بالىلارنىڭ سىيگەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تاش بار، تاش كۆپ.
تاشلىق يەر. تاشلىق جاي.
سۈپ. تاش ئورنىتىلغان.
تاشلىق سائەت.
ئى. تاش بار، تاش كۆپ جاي.
تاشلىقتا ئىشلىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇشلارنىڭ ئاشقازىنى.
توخۇنىڭ تاشلىقى. كەپتەرنىڭ تاشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تاشلانغان، تېشى بار.
تاشلىق جۇۋا.
سۈپ. تاش قىلىشقا تەييارلانغان، تاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان.
تاشلىق رەخت.
ئى. تاش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياكى تاش قىلىنغان نەرسە.
جۇۋىنىڭ تاشلىقى. كىتابنىڭ تاشلىقى. يوتقاننىڭ تاشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«خاما» غا قاراڭ.