—Reference
تاش
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمدە ئۇيغۇرلار <تاش> دېگەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنمۇ قوللانغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا يول مۇساپىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يول بويلىرىغا تاش بەلگە قويۇلاتتى ۋە ئۈستىگە مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ھەر بىر بەلگىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن سەككىز چاقىرىم كېلەتتى. ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان <پەن ۋە تۇرمۇش> ژۇرنىلىدا بىر تاش 8.5 كىلومېترغا تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ماتېرىياللاردا يەنە بىر تاش 18 چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم دەپ كۆرسىتىلگەن. <قەشقەرىيە> دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مىڭ چامدام ئىكەن، شۇ كىتاب ئاپتورى كروپاتكىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7 - 9 روسىيە چاقىرىمغا تەڭ ئىكەن. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سۇندۇرغاندا 7.3 - 9.4 كىلومېتر ئارىلىقىدا بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز كىلومېتر ئەتراپىدا ئىكەن.
Example
يولنىڭ بېشىغا تاش قويدۇق.
Translation: Yolning bashigha tash qoyduq.
used for milestones
Reference
Domain: ئۇيغۇر چالغۇلىرىبۇ بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېللىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر - بىرىگە سوقۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ، خىلمۇ خىل رىتىملاردا چېلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر. ئېللىپىسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 5.1 سانتىمېتىر، ئۇزۇن دېئامېتىرى 10 سانتىمېتىر، قسىقا دېئامېتىرى 6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالىقانغا قويۇلىدۇ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالىقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇلۇپ، بىر - بىرىگە يېنىڭ سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى سۈزۈك، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
About this entry
This is a xx–xx dictionary entry.
Sourced from Reference in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.