UyghurMain Dictionary
تارىخى رەشىدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ئەسەر بولۇپ، بۇنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر (1499 ياكى 1500 - 1551) پارىسچە يازغان. ئەسەرنىڭ 1 - قىسمىدا ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى، يەنى تۇغلۇق تۆمۈر خاندىن تارتىپ چاغاتاي خانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى خاتىرىلەنگەن. 2 - قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دىن قاتارلىق جەھەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللار بايان قىلىنغان. بۇ كىتاب «يۇەن سۇلالىسى تارىخى» دىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللارنىڭ كەملىكىنى تولدۇردى. ئۇيغۇرچىغا، ئىنگىلىزچىگە، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىدى.