Uyghur←ChineseMain Dictionary
تارۇما دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
多罗磨国
duō luó mó guó
ھىندۇنېزيىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ياۋانىڭ غەربى (ھازىرقى جاكارتا، يوگور ئەتراپى) گە توغرا كېلىدۇ. مىلادى Ⅳ ئەسىردە قۇرۇلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پادىشاھ پورماۋارمان قوشنا كىچىك دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە بىر قانال قازدۇرغان. ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، براخمان دىنىغا ئىشەنگەن، ۋارنا تۈزۈمىنى يولغا قويغان، دېېھقانلارنىڭ براخمان (كاھىن) غا 1000 كالا تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئويما يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن. 414-يىلى، جۇڭگو راھىبى فاشيەن ھىندسىتاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىدە بۇ يەرگە كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاجىزلاپ كەتكەن، كېيىن سىرىۋىجايا تەرىپىدىن يوقىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.