UyghurMain Dictionary
تارماق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پاراكەندە بولماق، پەرىشان بولماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ ئەسەرنىڭ تۈرلۈك بۆلەكلىرى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» تۆت پەسىل، 29 باب، 16 بۆلۈم، 270 ماددىدىن ئىبارەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر تەشكىلات ياكى مۇئەسسەسەنىڭ ئايرىم بىر قىسمى.
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارمىقى.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تاماق، سامان ۋە يوپۇرماق يىغىدىغان سايمان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تارماق.
يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ چاڭگىلى. « قارغاق تارماق» دېيىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكمۇ بار.
1 - 611
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پارچىلىماق؛ تاتلىماق؛ تارتماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تاپان (پۇت، ئاياغ)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاساسىي يول، سۇ ئېقىنلىرى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئاجرىلىپ چىققان قىسمى؛ بۆلىكى، شاخچە.
نەچچە ئون مو يەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان باغ بىرقانچە ئالاھىدە تارماققا بۆلۈنگەن.
تارماق ئۆستەڭ.
تەشكىلات ياكى بىرلەشمىلەرنىڭ بۆلەكلىرى.
مۇلازىمەت تارماقلىرى، مائارىپ تارماقلىرى.