UyghurMain Dictionary
تاقىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ يوق يەر.
قاقاس يەردە قونما. قاقىر قورقۇنچلۇق. تاقىر يەردە تۇرما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۆسمىگەن، گىياھ ئۈنمىگەن.
ئىسسىق كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كەڭ تاقىر سايدىن تاشۋاي ۋە بارات چىقىپ كېلىۋاتاتتى.
ئۈستىدە يۇڭ، تۈك قاتارلىق نەرسىلەر يوق ياكى ئىنتايىن شالاڭ (باش، تېرە قاتارلىقلار ھەققىدە).
تاقىر باش. تاقىر تېرە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قاتتىق جىسىملارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشى ياكى سىلكىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.