UyghurMain Dictionary
تاق لىنىيىلىك سۇژېت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىر لىنىيىلىك سۇژېت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرلا سۇژىت ۋەقەلىكىنىڭ باشلىنىشىتىن ئاياغلاشقانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئومومەن، كىچىك ھەجىملىك ئېپىك ئەسەرلەرنىڭ سۇژېت ۋەقەلىكى تاق لىنىيىلىك راۋاج بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چوڭ ھەجىمدىكى ئېپىك ئەسەرلەردىمۇ ئاساسەن تاق لىنىيىلىك سۇژېت ۋەقەلىكى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
تاق لىنىيىلىك سۇژېت باشلىنىشتىن تارتىپ يېشمىگىچە بىر، مۇستەقىل ۋەقەلىكنىڭ بايان قىلىنىشى دېمەكتۇر.