UyghurMain Dictionary
تاپىندىم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېۋىندىم؛ بويسۇندۇم، خىزمەت قىلدىم.
مەن تەڭرىگە تاپىندىم _ مەن تەڭرىگە تېۋىندىم، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تۇتتۇم. ئول بەگكە تاپىندى _ ئۇ بەگكە خىزمەت قىلدى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆگرەن ئانىڭ بىلىكىن كۈندە ئاڭار بارۇ
قوتقىلىقىن تاپىنغىل قوزغىل كۆۋەز نەرۈ
«كۈندە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلىمىنى ئۆگەن،
مۇلايىملىق بىلەن (ئۇنىڭغا) خىزمەت قىل، ھاكاۋۇرلۇقنى نېرى قوي.»
ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: بىلىملىك ۋە ھەكىم ئادەمگە يولۇقساڭ، ھەر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بار، ئۇنىڭدىن كەمتەرلىك بىلەن ئىلىم - ھېكمەت ئۆگەن، تەكەببۇرلۇقنى نېرى تاشلا ( تاپىنۇر _ تاپىنماق).
2 - 196