ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۆلۈك، ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكى.
تاپ يەيدىغان. * تاپنى ئارتماق. * قۇزغۇن ئۆلۈۋېتىپ تاپ ئىزدەيدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ئىز، قوش ئىزى.
تاپ ئاچماق. * تاپ سالماق. * تاپ باسماق. * تاپتىن چىقماق.
2 . («تاپ Ⅱ _ 1 » <). ئازغىنە يەر، بىر تاپ ئېلىشقىلا بولىدىغان يەر. بىر تاپ يەر.
3 . قوش ھەيدىگەندە، قوشنى تاپتىن چىقماسلىق ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان خىتاب («تاپ Ⅱ _1» <).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋاقىت، پەيت، ئان.
كۆپىنچە كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىدۇ. شۇ تاپ. * بۇ تاپتا، ئۇ تاپتا.
تۆت دەھر ئارا ئۆزۈڭ نۇرى ئاپتاپ،
يەتتە بەھر ئىچىدە گۆھەر سەن شۇ تاپ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تاپماق، تېپىش. 1 . ئىزدىمەك، ئىزدىگەنگە ئېرىشمەك.
تاپقاق، تاپقۇر. * تاپقان - تەرگەن، تاپقان - تۈگكەن. * يوقنى قېرەك كېرەك تاپىدۇ (ماقال). * تەرتىپنى سەن تاپمىساڭ، تەرتىپ سېنى تاپىدۇ (ماقال). * ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا (ماقال). * پۇتقا تاپساڭ باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا (ماقال).
2 . ئىگە بولماق، تاپاۋەت قىلماق. ئاتامنىڭ تاپقىنى ئانامنىڭ بارىكاللىسىغا يەتمىدى (ماقال). * ئاش قەدىرىنى يېگەن بىلمەس، تاپقان بىلەر (ماقال).
3 . ئويدۇرۇپ چىقماق، پەيدا قىلماق. گەپ تاپماق. ئىش تاپماق. * بالا تاپماق. * چاتاق تاپماق.
4 . ... دەپ قارىماق، ... ھېسابلىماق. لازىم تاپماق، زۆرۈر تاپماق. * ماقۇل تاپماق، مۇۋاپىق تاپماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
جەريان باغلامچىسى. بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
راۋاج تاپماق. * ئارام تاپماق. * روناق تاپماق. * قۇدرەت تاپماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاياتى تۈگىگەن. جېنى چىقىپ بولغان، ئۆلگەن گەۋدە. <تاپ> ھايۋانغا قارىتىلىدۇ.
ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز - چۆكەك. ئۆلۈكى چاشقاننىڭ تىرىكى. جەسەتتىن قاچما، ھەسەتتىن قاچ. مېيىتنى ۋاقتىدا ئۇزىتىش كېرەك، ساقلاشقا بولمايدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم تىرىك مۇردا. قاغىغا يول باشلاتساڭ، تاپقا باشلاپ بارار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆلگەن ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ جانسىز تېنى.
تىرىك، كۆزى ئوچۇق، جېنى بار
ئۆلمىگەن، ياشاش - ئۆسۈش پائالىيىتىنى يوقاتمىغان، ھايات.
ئون ئۈلۈكتىن بىر تىرىك ئەلا. يولۋاسنىڭ ئۆلۈكى ئىتنىڭ تىرىكىدىن ئەلا. تىرىك بولۇپ ساندا يوق، ئۆلۈك بولۇپ گۆردە. تىرىك ئىززەتكە تويماس، ئۆلۈك دۇئاغا. تىرىكىم بىرنى ئۆلتۈرەر، ئۆلۈكۈم ئوننى. ئۆلۈككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز، تىرىككىمۇ ئۈچ كۈن سۆز. ئەخلاقسىز ئادەم تىرىك بولسىمۇ مۇردا. جەسەتتىن قورقما، ھەسەتتىن قورق. قاغىغا ئەگەشسەڭ تاپقا باشلاپ بارار.
شىۋىلەر
ئۆلگەن ھايۋاننىڭ تېنى؛ ساپاننىڭ ئىزى، ئېرىقچە (ئېتىزغا تاپ سالماق، ئېرىقچە چىقارماق).
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى