Uyghur←ChineseMain Dictionary
تانتىيا توپى
Domain: دۇنيا تارىخى唐底亚.托庇
táng dǐ yà .tuō bì
(تەخمىنەن 1819 - 1859)، 1857-يىلىدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. مالااتادىكى براخمان ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، كېيىن نانا ساھىبىنىڭ ئائىلە باش باشقۇرغۇچىسى بولغان. چوڭ قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، كانپۇردىكى ئارمىيە - خەلق قوزغىلىڭىغا قوماندانلىق قىلغان، باتۇر - جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. 1858-يىلى گۋالىئور قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىكى 20 مىڭ ئادەمنى باشلاپ ئوتتۇرا ھىندسىتانغا يۆتكلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ھەمدە بىر مەھەل نابادا دەرياسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ھىندىستانغا كىرگەن. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قاتتىق قامال قىلىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن قوغلاپ زەربە بەرگەنلىكتىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پىتىراپ كەتكەن. كېيىن خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1859-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى باتۇرلارچە قۇربان بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.