UyghurMain Dictionary
تانماق
شىۋىلەر
ئازماق، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەك. مەسىلەن: قوغۇن تېنىپ كەتتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تانماق، ئىنكار قىلماق؛ يۈز ئۆرۈمەك؛ يامانلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قىلمىشىنى، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالماي تۇرۇۋالماق، ئىنكار قىلماق.
ئۆلسەڭمۇ راست سۆزلە، چىڭ تۇر مەيداندا، جاننى دەپ مەيداندىن تانغۇچى بولما!
كۆچمە. مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك، يىراقلاشماق، قاچماق.
سەن مەندىن تانغان ئادەم، ئەڭ ياخشىسى، خالتاڭنى ئۆشنەڭگە سېلىپ كۆز ئالدىمدىن يوقال!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشى ئورگانىزمىنىڭ نورمال ھالىتى، ساقلىق؛ مىجەز.
ئاپامنىڭ خېلىدىن بېرى تاۋى يوق.
كۆچمە. قۇۋۋەت، كۈچ، مادار.
بۇ ئىشنى قىلىشقا تاۋىم يەتمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىزىقلىق، ھارارەت.
ناننى تونۇرنىڭ سەل تاۋى قايتقاندا، يېقىڭ.