Chinese→UyghurMain Dictionary
糖虾
بىئولوگىيە
مىزىس راكى
قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ مىزىس ئەترىتىگە تەۋە. مىزىس ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5.1 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، تەن شەكلى ئون پۇتلۇقلار ئەترىتىدىكى راكقا ئوخشاش، باش كۆكرەك قالقىنى، كۆزىنىڭ ساپىقى بار، قورساق قىسمى ئالتە بوغۇم بولۇپ، ئاخىرقى ئۇچى قۇيرۇق يەلپۈگۈچى دېيىلىدۇ. لېكىن كۆكرەك قىسمىدىكى پۇتلىرى بىردەك قوش پۇتلۇق بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى جۈپى راكنىڭ تاڭلاي پۇتىغا توغرا كېلىدۇ، قالغان ئالتە جۈپىنىڭ ئىچكى پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، كۆپلىگەن قىلتىرىق تۈكچىلىرى بولۇپ، ئۈزۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. قورساق قىسمى ئالتىنچى بوغۇمىدىكى پۇتلىرى، يەنى قۇيرۇق پۇتلىرىنىڭ ئىچكى پۇتىدا تەڭپۇڭ خالتىسى بولىدۇ. چىشى مىزىسىنىڭ كۆكرەك پۇتلىرى ئارىسىدىكى كەڭ قالقانچىسى تۇخۇم سېلىش خالتىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تۇخۇم شۇنىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ، ھەمدە شۇ يەردە ئوزۇقلىنىپ يېتىلىدۇ. مىزىسلارنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىزدىن چىقىدۇ، تاتلىق سۇلاردا ياشايدىغىنى ئازراق بولىدۇ، دېڭىزدىن چىقدىغانلىرى تولىراق. يىراق ئوكيانلاردا بولۇپ، ئىندىۋىدى كىچىك بولسىمۇ مەھسۇلاتى ناھايىتى زور، نۇرغۇنلىغان بېلىقلارنىڭ تەبىئىي ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىگىلىكىدە بەلگىلىك مۇھىملىققا ئىگە. مەملىكىتىمىزنىڭ سېرىق دېڭىز ۋە بوخەي دېڭىز بويلىرىدىكى مەھسۇلاتى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى نېئومىزىس (Nemoysis) ۋە ئاكانتومىزىس (Acantho mysis) لاردىن ئىبارەت. چاڭجياڭنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىن چىقىدىغان قارا - قوڭۇر نېئومىزىس (N.awatschensis) سۇ تېگىدە ماكانلىشىپ ياشاپ، كېچىلىرى توپ - توپ بولۇپ سۇنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ئۈزۈپ چىقىدۇ. بېلىق يېمى قىلىشقا ياكى ئادەملەر ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.