Chinese→UyghurMain Dictionary
碳氮比
بىئولوگىيە
كاربون ئازوت نىسبىتى
قەنت ئازوت نىسبىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسەن ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىشىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل نەزەرىيە. بۇ نەزەرىيىنى 1903 - يىلى G. klebs ئوتتۇرىغا قويغان. يورۇقلۇقنىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىشىگە بولغان تەسىرى - ئۆسۈملۈك تېنىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ توپلىنىشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ئازوتلۇق بىرىكمىلەرنىڭ نىسبىتىدە ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىرىشتىن ئىبارەت. قەنت ئازوتلۇق بىرىكمىلەردىن كۆپ بولغاندا ئۆسۈملۈك چېچەكلەيدۇ. 1918 - يىلى Kraus, E.J. قاتارلىق كىشىلەر بۇ كۆز قاراشنى بىۋاسىتە C / N ئارقىلىق ئىپادىلىدى. يېزا ئىگىلىك ئەمەلىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ھادىسىلەر klebs nنىڭ C / N نەزەرىيىسىنى ئەمەلىي دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ نەزەرىيىنى قوبۇل قىلدى. مەسىلەن، كۆپ مىقداردا ئازوتلۇق ئوغۇت بېرىپ، C / N نى كىچىكلىتىپ، ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلىشىنى كەينىگە سۈرۈش، ئادەتتە C / N قىممىتى يۇقىرى بولسا ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن ئازوتلۇق بىرىكمىلەرنىڭ مىقدارىنىڭ نىسبىتى گۈل بىخىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىش ئورگانلىرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
دېھقانچىلىق
tàn dàn bǐ
كاربون - ئازوت نىسبىتىDئۆسۈملۈك
tàn dàn bǐ
كاربون - ئازوت ئايلىنىشىDئۇنىۋېرسال
tàn dàn bǐ
كاربون - ئازوت نىسبىتى