UyghurMain Dictionary
تاناكاگېئېچى
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1929) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1927 - 1929)، قۇرقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى سامۇراي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1892-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. جوڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدا مانجۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1911-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، 1915-يىلى باش شىتابىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى بولغان. 1917-يىلى 5-ئايدىن 1918-يىلى 6-ئايغىچە جۇڭگوغا كېلىپ سۇيىقەستلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، 1918 - 1921-يىللىرى ھارا تاكاشى ئىچكى كابېنىتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغاندىن سىبېرىيىگە ئەسكەر چىقارغان. 1923 - 1924 - يىللىرى ياما موتۇگونبېئى ئىچكى كابىنېتنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. ياماگاتا ئارىتومو ئۆلگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ناگوسۇ مىلتارىستلىرى سىستېمىسىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ قالغان.1925-يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1927-يىلى 4-ئايدا باش ۋەزىرى بولغان 5-ئايدا جۇڭگونىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئەسكەر چىقارغان. 6-ئايدا شەرق يىغىنى چاقىرىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى بەلگىلىگەن. 1928- ۋە 1929-يىللىرى <15-مارت>، <16-ئاپرېل> ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، كومپارتىيىنى ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1928-يىلى 6-ئايدا جاڭ زولىن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى تەرىپىدىن 6-ئاي جاڭ زولىن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىنكى يىل 7-ئايدا مۇشۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.