Uyghur←ChineseMain Dictionary
تامۇگادى
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
提姆加德
tí mǔ jiā dé
دۇنيا تارىخى
塔矣加第
tǎ yǐ jiā dì
شىمالىي ئافرىقىنىڭ قەدىمكى پايتەختىنىڭ خارابىسى. ئالجىرىيىنىڭ كونستانتىن ئوبلاستىدا. ھازىرقى نامى تىمگاد. قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى ئاۋگۇستنىڭ ئۈچىنچى جۈنتۇەنى ئىزچىل ھالدا نۇمىدىيىنىڭ لەمپىس شەھىرىدە تۇرغان. مىلادى 100-يىلى قەدىمكى رىمنىڭ ئىمپېراتورى تاراجانۇس بۇ جۈنتۈەننىڭ ھەربىي سەپتىن بوشانغان ھەربىيلىرى ئۈچۈن، بۇ شەھەرنى ياساتقان. Ⅶ ئسىردە ۋەيران قىلىنغان. 1880-يىلى قېزىش ئارقىلىق خارابىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، <ئافرىقىنىڭ پومپېئى شەھىرى> دەپ ئاتالغان. شەھەرنىڭ كۆلىمى 325 × 355 مېتىر، سەل تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، كوچىلىرى رەتلىك، مەركىزىد ئاممىۋى مەيدانى، رەستىسىدە بازار ۋە تىياتىرخانا بار، ئىبادەتخانا ۋە مۇنچىسى شەھەر سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رىمچە شەھەر قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيىتى بار.