UyghurMain Dictionary
تالېئ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆتۈرۈلگۈچى، چىققۇچى، كۆرۈنگۈچى. كۈن ، ئاي ۋە يۇلتۇز ھەققىدە:
بەخت، ئىقبال، قىسمەت؛ تەلەي:
1. فەلەكدىن مېھرى ئەنۋار بولدى تالېئ،
قاراڭغۇلۇقنى كۆزدىن قىلدى راجې.
لۇتقى.
2. بەختى قاچقان بولماسام ھەم تالېئىم شۇم بولماسا،
بولغاي ئېردىممۇ بۇ كۈن روبى ئانارىمدىن جۇدا.
موللا بىلال.
سەرنەۋىشتىم ئېردىمۇ يا تالېئىمنىڭ دونلۇغى،
بۇ ھەمە مەھرويلاردىن بىر دەۋايى تاپمادىم.
ئەرشى.