Chinese→UyghurMain Dictionary
他兰同
دۇنيا تارىخى
تالانتون
قەدىمىكى سىستېمىسىدىكى بىر خىل ئېغىرلىق بىرلىكى ۋە پۇل بىرلىكى. جايلارنىڭ ئۆلچىمى بىردەك بولمىغان. قەدىمكى بابىلونىيە ئۆلچەم سىستېمىسى بويىچە 180 شېئۇم (بىرشېئۇم = تەخمىنەن0.05 گرام) بىرشىكىلگە (تەخمىنەن 8.4 گرام)، 60 شىكل بىرمىناغا، 60 مىنا بىر تالانتون (تەخمىنەن 24.30 كىلوگرام) غا تەڭ بولغان. قەدىمكى يۇناننىڭ ئېگىنا ۋە ئاتتىكا ئۆلچەم سىستېمىسى بويىچە 6 ئوبۇل بىر دراخماغا مىناغا، 60 مىنا بىر تالانتونغا (ئېگىنادا بىر تالانتون 8.37 كىلوگرام؛ ئانتىكادا 86.36 كىلوگرامغا) تەڭ بولغان. ماكېدونىيە پادىشاھلىقىدا (مىلدىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) بىرتالانتون تەخمىنەن 25 كىلوگرام (ئاق كۈمۈشكە) تەڭ بولغان.