UyghurMain Dictionary
تاكېتا شىنگېن
دۇنيا تارىخى
(1521 - 1573) ياپونىيىدىكى يېغىلىق دەۋرىدە ئۆتكەن فېئودال. كاي (ھازىرقى ياماخاشى ناھىيىسى) نىڭ ياساۋۇل بېگى نوبۇتورانىڭ ئوغلى. ئەركىلەتمە ئىسمى كاتسۇ سېندائى، ئىسمى خارۇنوبو، تەخەللۇسى شېنگېن. 1541-يىلى ئۆزىنىڭ دادىسىنى سۇراگا (ھازىرقى شىزوكا ناھىيىسى) گە قوغلىۋېتىپ ئۆز ئالدىغا ياشىغان. 1542 - يىلدىن باشلاپ شىنانو (ھازىرقى گانانو ناھىيىسى) غا ئەسكەر چىقىرىپ، خاسۇۋا، ئوگاساۋارا، مۇراكامى قاتارلىق بەگلەرنى يوقىتىپ، شىنانونىڭ كۆپ قىسمىنى تىنچىتقان. 1558-يىللىرى ئىچىدە ئۇ ئېسۇگى كېن شىن بىلەن شىنانونى تالىشپ بەش قېتىم قاتتىق جەڭ قىلغان، كاۋاناكاجىما جېڭىدە تاكېتا غەلىبە قىلىغان. 1570-يىلى سۇراگانى قوشۇۋېلىپ، چۇبۇدا چوڭ بەگلىكنى شەكىللەندۈرگەن. كامناشىگاۋا دەرياسىنىڭ بوينىغا توغان ياساتقان (بۇ شىنگېن توغىنى دەپ ئاتالغان)، كوفۇ ئويمانلىقىنى ئاچتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن يىغىلىق دەۋرىدە دەريالارنى تىزگىنلەپ بو يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان، شۇنداقلا ئەينى زاماندا ئەڭ بۇرۇن ئالتۇن كانلىرىنى ئاچقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ <شىنگېن قانۇنى> (<كوشۇ قانۇنى>) نى تۈزۈپ چىققان. 5721 - يىلى توتومىدا توكۇگاۋا ئىيياسۇ ئودا نوبۇناگانىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن سانخىغا كىرگەن، كۆپ ئۆتمەي كېسەل بولۇپ شىنانودىكى تاي مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتكەن.