Chinese→UyghurMain Dictionary
塔克文
دۇنيا تارىخى
تاركىينۇس
قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمى مەزگىلى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 753 - 509) دىكى ئىككى پادىشاھى، ئىككىلىسى ئېترۇرىيىلىك، (1) تاركىينۇس پىرىسكۇس، بەشىنچى پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 579 - 615)، ئېيتىلىشىچە يۇناندىكى كورىنتۇسلۇق دېمارتوسنىڭ ئوغلى ئىكەن. ئەسلى ئىسمى لۇكۇمون بولۇپ، ئېترۇرىيىنىڭ تاركىينى شەھىرىدە تۇغۇلغان؛ ئايالى تاناكۇينىڭ مەسلىھىتى بىلەن رىمغا بېرىپ پادىشاھ بولغان (ئانكۇ مارسىۋۇنىڭ ئورنىغا) ۋە ئىسمىنى تاركىينۇسقا ئۆزگەرتكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ ھەم پاراسەتلىك، ھەم جاسارەتلىك بولۇپ، تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە رىم شەھىرىنىڭ سېپىلىنى، مەيدان ۋە كاپتولىن ئىبادەتخانىسىنى ياساتقان ھەمدە ئېترۇرىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىق تۈزۈمىنى رىمغا كىرگۈزگەن. (2) تاركىينۇس سۇپېربۇس، يەتتىنچى پادىشاھ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 534 - 509). پېرىسكۇسنىڭ ئوغلى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىكەن). سېرۋىئۇس تۇللىئۇس (ئالتىنچى پادىشاھ) نىڭ كۈيئوغلى. قېيىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالغان. رىم تارىخچىسى لىۋىئۇسنىڭ يېزىشىچە، سۇپېربۇس (<تەكەببۇر> دېگەن مەنىدە) زالىم ۋە ئۆكتەم بولۇپ، سىناتنىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلمىغان، خەلققە ئېغىر ئالۋان - ياساق سالغان، شۇنىڭ بىلەن رىملىقلار ئۇنىڭ زۇلىمىغا چىدىيالماي، تەخمىنەن مىلادىدىن 509 يىل ئىلگىرى سۇپېربۇسنى قوغلىۋېتىپ، ئېترۇرىيىلىكلەرنىڭ رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ رىمنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىكى دەۋرى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇىيەت دەۋرىگە كىرىشكە باشلىغان. ئىككى تاركىينۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بەزىدە ئالتىنچى پادىشاھ سېرۋىئۇس تۇللىئۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قوشۇپ، <تاركىينۇس سۇلالىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.