UyghurMain Dictionary
تاج مەھەل مەقبەرىسى
تاش پۈتۈك
ئىسلام قۇرۇلۇشلىرى كۆپىنچە چاسا قورۇ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاساسلىقى تاقىسىمان، يالقۇنسىمان، ئۇچلۇق ئەگمە، ئۈچ چەمبەر مەركىزىسىمان دېگەندەك خىلمۇخىل ئەگمە، گۈمبەزلىك قۇرۇلمىلارنى قوللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى تاملىرىغا پۈتۈنلەي نەپىس نەقىشلەر ئىشلىتىلگەن، بۇنداق نەقىشلەرنىڭ بەزىلىرى خىش ياكى تاشتىن ئويۇلىدۇ، بەزىلىرى رەڭلىك پارقىراق خىشلارنى ياپسا قىلىپ تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى سېمونتتىن قۇيۇپ ياسىلىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى »قۇرئان كەرىم« دە ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئوبرازىنى نەقىش ئورنىدا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغاچقا، ئىسلام ئىمارەتلىرىدىكى نەقىشلەرنىڭ ھەممىسىگە گۈل - گىياھ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شەكلى ئىشلىتىلگەن ياكى بولمىسا گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر چىقىرىلغان، ھەتتا ئوردا - مەسچىتلەردىكى ھەيۋەتلىك مېھرابلاردىمۇ مۇسۇلمانلار ئېتىقاد قىلىدىغان ئاللاھنىڭ مۇقەددەس رەسىمى يوق. »قۇرئان كەرىم« دە يەنە ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئالدى دەرۋازىسىنى مۇقەددەس جاي − مەككە تەرەپكە قارىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولغاچقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە سېلىنمىغان. چاسا ھويلىلارنىڭ مەركىزى ياكى باشقا ئىمارەتلەرنىڭ ئىچىدە پاكىز ھەم سۈزۈك سۇ كۆلچەكلىرى بار، بۇ گەرچە دىنىي ئامىل بولسىمۇ، لېكىن بىنا - ئىمارەتلەرگە ئۆزگىچە كەيپىيات ۋە تۈس ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.
ھىندىستاندىكى تاج مەھەل مەقبەرىسى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ5 - ئەۋلاد پادىشاھى شاھ جاھان ئۆزىنىڭ كىچىك خانىشى ئۈچۈن مەقبەرە قىلىپ سالدۇرغان. قوشۇمچە خان سارىيى قىلغان، بۇ قۇرۇلۇش1630 - يىلى باشلىنىپ1653 - يىلى پۈتكەن. مەقبەرىنىڭ قورۇسى ئۇزۇنچاق بولۇپ، ئىچىدە ئىككى ھويلا بار. ئاساسىي ھويلىدىكى چوڭ گۈللۈك ئۆزئارا كېسىشىپ ئۆتكەن ئېرىقلار ئارقىلىق تۆتكە ئايرىلغان، ئېرىقلارنىڭ تۇتاشقان يېرىدە فونتانلىق كۆلچەكلەر بار، ئۇنىڭ ئەتراپى مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەرگە پۈركەلگەن. بۇ ئىمارەت پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان، بىر قىسىم يەرلىرىگە ھەر خىل رەڭدىكى ئۈنچە - مەرۋايىتلار ئورنىتىلغان. پۈتكۈل ئىمارەت بىر چوڭ تەكشىلىككە جايلاشقان. ئىمارەتنىڭ تۆت تەرىپى بىر - بىرىگە سىممېترىك ھالەتتە بولۇپ، ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پارس ئۇسلۇبىدىكى يېرىم گۈمبەز شەكىللىك دەرۋازا ئېچىلغان. تەكشىلىكنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆت دانە ئاق مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ئەزان مۇنارى دېيىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىرايلىق سىزىقچىلار چىقىرىلغان يۇپيۇمىلاق، چوڭ گۈمبەز بولۇپ، گۈمبەزنىڭ ئاستى تەرىپىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەپىس نەقىشلەر ئويۇلغان، ئۇ شاھ تاجسىدىكى نەقىشلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. چوڭ گۈمبەزنىڭ ئەتراپىغا يەنە ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تۆت كىچىك گۈمبەز يانداشتۇرۇلۇپ، نەپىس بىر خىل ماس گەۋدە ھاسىل قىلىنغان. مەقبەرىنىڭ ئىچى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن چىرايلىق نەقىشلەنگەن، ئاپئاق مەرمەر تاشلار ئىنچىكىلىك بىلەن ئويۇلۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان شەكىللەر چىقىرىلغان. مەقبەرە ناھايىتى ئاددى ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پۈتكۈل ئىمارەتكە بېرىلگەن رەڭلەر ئېنىق. كۆپكۆك ئاسمان بىلەن ياپيېشىل ئوت - چۆپ، گۈل - گىياھلار مەقبەرىگە ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، ئالدى تەرەپتىكى كۆلچەكتە ئىمارەتنىڭ شولىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، فونتانلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇلار ساياھەتچىلەرگە راھەت بېغىشلايدۇ، بۇ مەنزىرىلەر تاج مەھەل مەقبەرىسىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ، ئۇنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەقبەرە ھىندىستاندىكى شىمالىي شتاتقا جايلاشقان ئاگرا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېملا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا. بۇ مەقبەرەنى مۇغۇل ئىمپراتورى شاھ جاھان ( 1627 _ يىلدىن 1658 _ يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ) مۇمتاز مەھەل ( 1593 _ 1631 ) گە سالدۇرغان. بۇ مەقبەرەنىڭ قۇرۇلۇشى 1632 _ يىلى باشلىنىپ، 1648 _ يىلى پۈتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا يانداش قۇرۇلۇشلار 1653 _ يىلى پۈتتۈرۈلگەن. بۇ مەقبەرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، پرسىيە، ھىندىستان ئىنژېنېرلىرى بىرلىكتە لايىھىلىگەن. پرسىيىدىكى شىرازىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىمۇ قوبۇل قىلىنىپ، باشقا تەرەپلەرنىڭ ئۇسلۇبلىرىمۇ قوبۇل قىلىنىپ، باشقا تەرەپلەرنىڭ ئۇسلۇبلىرىمۇ قوبۇل قىلىنىپ، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا سېلىنغان. قەبرىستانلىقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 580 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 305 مېتىر بولۇپ، چۆرىسىگە قىزىل تاش بىلەن تام قىلىنغان. ئوتتۇرىغا ئاق مەرمەر تاشتىن چاسا ئۇل قويۇلغان، ئۇلىنىڭ ھەر تەرەپكە ئۇزۇنلۇقى 95 مېتىر، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، گۆرلۈك ئۈستىگە ئاق مەرمەر گۈمبەز ياسالغان، گۈمبەزنىڭ ئاستى قىسمى چاسا بولۇپ، ھەر تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر، ئېگىزلىكى 67 مېتىر كېلىدۇ. تۆت تامنىڭ ھەر بىردىن ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئەگمە ئىشىك قويۇلغان. ئىشىكلەرنىڭ يېنىغا ئاستىن _ ئۈستۈن ئىككى رەت قىلىپ 24 كىچىك ئەگمە ئىشىك قويۇلغان. تام ئۈستىگە دۇمباقسىمان تاش ئېلىنغان، دېئامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان قۇببىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۇچىغا مېتالدىن ياسالغان كىچىك مۇنار ئورنىتىلغان. ئۆگزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا قۇببىسى بار كىچىك مۇنار ئورنىتىلغان. ئەڭ ئاستىدىكى مەرمەر تاشنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ئاق مەرمەر تاشتىن ئۇچلۇق تۆت مۇنار سېلىنغان. مۇنارلار ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ئېگىزلىكى 42 مېتىرغا يېتىدۇ. قەبرىستانلىقىنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە قىزىل تاش بىلەن مەسچىت سېلىنغان. مەقبەرىنىڭ ئالدى تەرىپى چاسا گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆل ۋە ئىككى تەرىپىدە بىر نەچچە يول بولۇپ، گۈللۈك ئايرىم _ ئايرىم بۆلۈۋېتىلگەن. گۈللۈكنىڭ دەل جەنۇب تەرىپىگە قىزىل تاشتىن چوڭ ئىشىك قويۇلغان. پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىنتايىن ماسلاشقان، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، رەڭ سېلىشتۇرمىسى روشەن بولۇپ، ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ گىئومېتىرىك گۈزەللىكى تۇلۇق گەۋدىلەنگەن. ئىچىنىڭ زىننەتلىنىشى ناھايىتى چىرايلىق: ئىشىككە سۈرە - ئايەتلەر ئويۇلغان. قىممەتلىك گۆھەر - ياقۇتلارنىڭ چۆرىسىگە گۈللۈك نەقىش قويۇلغان. قەسىر ئىچى سەككىز بۇرجەك شەكىلىدە بولۇپ، بەش ئۆيگە ئايرىلغان.ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ ئۆي رادىئاتسىيە شەكىلىدە تۆت ئۆيگە تۇتىشىدۇ. قەسىرنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرى مەرمەر تاشتىن ياسالغان، تەبئىي نۇر چۈشۈپ تۇرىدۇ.ئۆيلەرنىڭ ئىچى يورۇق ۋە پاكىز. قاپارتما ئويمىلىق ئۆسۈملۈككە ئالتۇندىن ساپاق،يېشىل تاشتىن يوپۇرماق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، كىرستاللاردىن گۈللەر ياسالغان. ئوتتۇرا ئىشىكتىكى كۆزنەك بالداقلىرى ئەڭ نازۇك ياسالغان بولۇپ، رىۋايەتلەدىن قارىغاندا، ئۇ جۇڭگو ئويمىچىلىرىنىڭ قولىدىن چىققان. لەھەتتىكى تاش گربىنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئاق مەرمەردىن ئىشلەنگەن نەقىشلىك توسۇققا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك مەرۋايىتلارنى ئورنىتىشقا 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. بۇ ئىمارەت ھىندىستاننىڭ سىموۋولى ۋە غورۇرى بولۇپ، مىسردىكى ئەل ئېھرام، جۇڭگودىكى سەددىچىن، بابىلوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى گۈللۈك، رىمنىڭ گىلادىئاتورلار مەيدانى، ئالېكساندىر قەبرسى ۋە مۇقەددەس سوفىيە ئىبادەتخانىسى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا بىناكارچىلىقىدىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.