Uyghur←ChineseMain Dictionary
تاج ماھال قەبرىسى
Domain: دۇنيا تارىخى泰吉.玛哈尔陵
tài jí .mǎ hā ěr líng
موغول ئىمپېرىيىسىنىڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشى. ھىندىستاننىڭ شىمال شتاتىدىكى ئاگرا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا. موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى شاھ جاھان ئۆزىنىڭ بانۇسى تاج ماھال ئۈچۈن سالدۇرغان قەبرە. 1631-يىلىدىن باشلاپ ياسالغان، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن. ئاساسىي قۇرۇلۇش سەككىز بۇرجەكلىك چوڭ زال بولۇپ، ئۇ چاسا شەكىلدىكى ئۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان،ئېگىزلىكى 58 مېتىر، ئۈستىدە دىئامېىرى 71 مېتىر كېلىدىغان دۈگىلەك گۈمبەز بار. تۆت بۇرجىكىدە ئېگىزلىكى 41 مېتىر كېلىدىغان دۈگىلەك گۈمبەز بار. تۆت بۇرجىكىدە ئېگىزلىكى 41 مېتىر كېلىدىغان دۈگىلەك گۈمبەز بار. ئوڭ - سول تەرىپىدىن بىردىن مەسچىت بار، ئالدىدا گۈللۈك ۋە كۆلچەك بار، پۈتۈنلەي ئاپئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان، تاملىرىغا ھەرخىل رەڭدىكى ياقۇت ئورنىتىلغان. زالنىڭ ئىچىگە مەرمەرتاشتىن نەقىشلەر ئويۇلغان. ئىچىگە يالغان قەبرە گۈمبىزى ياسالغان، ھەقىقىي قەبرە يەر ئاستىدىكى قەبرە ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ياسىلىشى گۈزەل ھەم ھەشەمەتلىك. ھىندىستاندىكى ئىسلام ئىمارەتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.