Chinese→UyghurMain Dictionary
太原士兵起义
دۇنيا تارىخى
تايىنگۇيىن ئەسكەرلەر قوزغىلىڭى
ۋيېتنامنىڭ تايىنگۇيىن شەھىرىدىكى ۋيېتناملىق ئەسكەرلەرنىڭ فرانسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. 1917 - يىل 8اينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن 31-كۈنى سەھەرگىچە، تايىنگويىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق فرانسىيە قوشۇنىدىكى ۋيېتناملىق ئەسكەرلەر ئەترەت باشلىقى جىڭ ۋېنگىن ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى لياڭ يۈجۇەننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەر <ۋيېتنام ئەسكەرلىرى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى> دېگەن بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، فرانسىيىلىك ئوفىتسېرلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمىلەرگە بېسىپ كىرىپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىپ، تايىنگويىن شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. فرانسىيە قوشۇنلىرى ئەسكىرىي كاچلىرىنى يىغىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكتىن، 9-ئاينىڭ باشلىرىدا تايىنگۇيىن قولدىن كېتىپ، قوزغىلاڭچىلار تاغلىق رايونلارغا چېكىنىپ، يۇڭئەن، فۇئەن، بېينىن قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشۇپ، قوراللىق كۈرەشنى يېرىم يىلغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان. 1918-يىلى 3-ئايدا فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.