Chinese→UyghurMain Dictionary
苔藓植物门
ئۆسۈملۈك
tái xiǎn zhí wù mén
مۇخلار تىپى
بىئولوگىيە
مۇخلار تىپى
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تىپى. مۇخلار يېشىل رەڭلىك بولۇپ، ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىپ قۇرۇقلۇقتا ياشايدۇ. ئۇنىڭ دائىم ئۇچرايدىغان يېشىل تېنى گامېتوفىتى بولۇپ، يوپۇرماقسىمان بولىدۇ. يالغان يىلتىز، غول، يوپۇرماققا دىففېرېنسىيىلىنىدۇ، ھەقىقىي قاناللار باغلىمى بولمايدۇ. غولىنىڭ ھۈجەيرىلىرى بىرخىل ياكى قوۋزاق ۋە ئوتتۇرا ئوققا بىرئاز ئايرىلغان بولىدۇ، ئاساسەن تىرەكلىك رولىنى ئوينايدۇ. يوپۇرمىقى بىر قەۋەت ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى بىۋاسىتە سۈمۈرىدۇ. يالغان يىلتىزى ئاساسەن مۇقىملىشىش، قوشۇمچە سۇ سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاتىلىق كۆپىيىش ئورگىنى سپېرما ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئىككى تال قامچا تۈكى بولغان سپېرما ھاسىل بولىدۇ. ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى تۇخۇم ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئۇزۇن بويۇن ۋە بىرئاز توم كەلگەن قورساق قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. تۇخۇم ئورگىنىنىڭ ئىچىدە تۇخۇم بولۇپ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يېتىلىپ زىگوتىغا ئايلىنىدۇ. زىگوتا تۇخۇم ئورگىنى ئىچىدە يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، تۆرەلمە گامېتوفىتقا تايىنىپ ئوزۇقلىنىپ ۋە يېتىلىپ سپوروفىتقا ئايلىنىدۇ. سپوروفىتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمى سپورا غوزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەسلەپكى سپورا توقۇلمىسى كۆپ قېتىم يىپلىق بۆلۈنۈش ۋە سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق سپورا ھاسىل قىلىدۇ، سپورا بىخلىنىپ دەسلەپكى يىپسىمان تەنگە ئايلىنىدۇ. دەسلەپكى يىپسىمان تەنە يېتىلىپ جىنسلىق كۆپىيىدىغان گامېتوفىت دەۋرىگە كىرىدۇ. شۇڭا مۇخلارنىڭ ھايات تارىخىدا روشەن دەرىجىدە دەۋر ئالمىشىش بولىدۇ. مۇخلار كۆپىنچە سايە، نەم ئورۇندا ئۆسىدۇ. ئومۇمەن بەلگىلىك مەزگىل ئىچىدە يامغۇر يېغىپ تۇرىدىغان ياكى تۇمانلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ. مۇخلار ھاۋاسى مۆتىدىل نەم بولغان دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئورمانلىقلار، ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقلىرى ھەمدە ئېگىز تاغدىكى يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىق ياكى تۇندىرا پاتقاقلىق رايونلىرىغا تارقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە قىيا تاشلار ۋە چوققىلارغا يېپىشىپ ئۆسىدۇ، سوغۇق ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلار باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسمەيدىغان مۇھىتتا ياشىيالايدۇ، ئۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى چۆلنى ئۆزلەشتۈرىدىغان ئاۋانگارت ئەترەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا بويىچە مۇخلارنىڭ تەخمىنەن 40 مىڭ تۈرى بار، جۇڭگودا تەخمىنەن 1002 دىن كۆپرەك تۈرى بار. بۇ تىپ جىگەرسىمان مۇخلار سىنىپى بىلەن غول يوپۇرماقلىق مۇخلار سىنىپىغا بۆلۈنىدۇ.