Chinese→UyghurMain Dictionary
太平洋宪章
Domain: دۇنيا تارىخىتىنچ ئوكيان خارتىيىسى
1954 - يىلى 9 ـ ئاينىڭ 8 - كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋستىرالىيە، فىلىپپىن،تايلاند، يېڭى زېنلاندىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر فىلىپپىنىڭ پايتەختى مانىلادا ئىمزالىغان. خارتىيىدە: شەرتنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بارلىق دۆلەتلەرنىڭ <ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى ۋە مۇستەقىللىكنى> ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايوندىكى <ئەڭ يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى>، <ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرلىشىنى> ۋە <جەمئىيەت پاراۋانلىقنى> ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى زېمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توسىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.