Chinese→UyghurMain Dictionary
泰勒斯
دۇنيا تارىخى
تالېس
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 624 - 546) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. يۇناندا ئۆتكەن <يەتتە دانىشمەن> نىڭ بىرى. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىئونىيە شەھىرىنىڭ مىلېتوس دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان ھەمدە ئىئونىيە پەيلاسوپى ياكى مىلېتوس ئىلمىي ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىش ئىزلىرى ئېنىق ئەمەس، شۇنداقلا تارالغان ھېچقانداق ئەسىرىمۇ يوق. مىسىرنى ساياھەت قىلغان، مېسوپوتانىيە ۋادىسىغا بارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ماتېماتىكىنى، ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لىيودىيە پادىشاھى ئالياتتېس (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن ؟ - 560) تەختتە تۇرغان مەگىلىدە مىلادىدىن 585 يىل ئىلگىرى 5-ئاينى 28-كۈنىدىكى كۈن تۇتۇلۇشتىن بېشارەت بەرگەن. مىسىردىكى چېغىدا، نىل دەرياسىدىكى تاشقىنىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرگەن ھەمدە ئېھرامنىڭ كۆلەڭگۈسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىمەكچى بولغان ئارىستوتېلنىڭ <پولىتېكا> دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغان بىر ھېكايىگە ئاساسەن، ئۇ ئاسمان جىسىملىرى بىلىمىگە پىششىق بولغانلىقتىن، كېلەر يىلى مايلىق زەيتۇن دەرىخىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدۇ، دەپ ئالدىن مۆلچەرلىگەن؛ ياغ تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرقەدەر تۆۋەن باھادا ئىجارىگە ئېلىپ، نۇرغۇن پايدا ئالغان. تالېس ساددا ماتېرىيالىست بولۇپ، پۈتۈن كائىنات سۇدىن پەيدا بولغان، ئاخىر يەنە سۇغا قايتىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ <سۇ ھەممىدىن ياخشى> دېگەن مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزى بار، لېكىن ئۇنى چۈشەندۈرمىگەن. ئۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىگە ماددىي تۈس كىرگۈزمەكچى بولغان، ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ چاغد تارالغان دىنىي ئىلاھىيەتچىلىكنى ئىنكار قىلغانلىق بولاتتى. پەلسەپە بىلەن ئىلىم - پەن بىر گەۋدە بولغان دەۋردە، ئۇ قەدىمكى يۇنان تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارالغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
泰勒斯〈德〉
tài lè sī
تېرېس