UyghurMain Dictionary
تايلاند فرانسىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا تايلاندنىڭ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. 1940-يىل 9-ئايدا، سوڭگرام ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، فرانسىيىنىڭ ۋىشى ھۆكۈمىتىگە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سىيامنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدە بولغان لائوس بىلەن كامبودژىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قويغان. تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلغان. 1941-يىلى 1-ئايدا تايلاند ئەسكەرلىرى كامبودژا - لائوس چېگرىسىدىن ئۆتۈپ دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشكەن. كېيىن سىچاڭ ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا، تايلاند فلوتى گۇمران بولغان. ئاخىر ياپونىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن، ۋىشى ھۆكۈمىتى نائىلاج شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى توكيودا كېلىشىم ئىمزالاپ، لائوسنىڭ غەربىي رايونىنى ۋە كامبودژىنىڭ ۋاتتامباڭ، سىيېمىرېئاپ ۋە سىسو ئۆلكىلىرىنى تايلاندقا بۆلۈپ بەرگەن.