Chinese→UyghurMain Dictionary
态度学习
پسىخولوگىيە
پوزىتسىيە ئۆگىنىش
بۇ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قېلىپى ياكى ھەرىكەت مىزانىنى ئۆگىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش قېلىپى ياكى مىزانى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئامما ئېتىراپ قىلغان مۇناسىۋەتلەر ئىنكاسىدۇر. مۇنداق ئىنكاستا تونۇش تەركىبىمۇ، ھېسىيات تەركىبىمۇ بولىدۇ. بۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملىشىپ، مۇئەييەن رېئاكسىيە خاھىشىغا ئايلانغاندا، پوزىتسىيە دېيىلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئىجىتمائىي تۇرمۇشىنى تەڭشەيدىغان قورال، ئىجتىمائىي تەجرىبىنىڭ مۇھىم تەشكلىي قىسمى. تۈرلۈك جەمئىيەتتە كىشىلەر ئارا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى تۈرلۈك سىنىپلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىر خىل بولمىغانلىقتىن، تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە تۈرلۈك سىنىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش قېلىپى ياكى ھەرىكەت مىزانىمۇ (ئۆلچىمى) ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىلىرىدە ئەكس ئېتىلدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىلىرى خىلمۇخىل بولىدۇ، ھەتتا روشەن سىنىپىيلىققا ئىگە بولىدۇ. پوزىتسىيە ئۆگىنىش ئۆگىنىشنىڭ ئالاھىدە بىر تىپى. ئۇنىڭ ھەل قىلىدىغان زىددىيىتى مۇرەككەپرەك بولۇپ، ئۇنىڭدا تونۇش مەسلىسى بولۇپلا قالماستىن، ھېسيات مەسىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ يەنە ئىرادە مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. پوزىتسيىە ئۆگىنىش ئوقوغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى بىلەن ھەرىكەت ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ بىر خىل يولىدۇر