UyghurMain Dictionary
تاياق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«تاياغ» قا قاراڭ.
ئۇرۇپ ئېردىم ئانىڭ باشىغە تاياق،
جەھەننەمگەقويدى بۇ كەمپىر ئاياق.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - سوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سايمان.
تاياق ئېيىقنىمۇ موللا قىلار. تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ياماننىڭ توقىمىقى يېنىدا. كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. غولدا، سويۇل، باقان_ چارۋىچىنىڭ قورالى. ئۇمۇت، گۇرزى قەدىمكى زاماندا ئاساسىي قوراللاردىن ئىدى. تۇز يالغان ئىت قوپارغۇ ئاستىدا ئۆلەر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاياق، ھاسا.
كۈزئەگۈ تاياق بېردى _ كۇيەۋ تاياق بەردى، يەنى كۇيەۋ كېلىنىگە كېنىزەك ياكى قۇل بەردى. كېلىن ئۇلارغا تايىنىپ ئاتتىن چۈشىدۇ. بۇ بايلاردىكى بىر ئادەت بولۇپ، كېنىزەك ياكى قۇل كېلىننىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: تاياق بىلە تايماس تانۇق سۆزۈن پۈتمەس _ ھاسىسى بار تېيىلماس، گۇۋاھچى سۆز بىلەن ئىشەنچ قازىنالماس، يەنى ھاسىسى بار ئادەم تايغاق يەردە تايمايدۇ، گۇۋاھچىنىڭ سۆزى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە ئاندىن بىلىنىدۇ.
3 - 227
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياردەم، تىرەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخ شېخىدىن كېسىلگەن كالتاكچە.
تاياق بىلەن ئۇرماق.
كۆچمە. كالتەك، مۇشتلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن بېرىلگەن زەربە.
تاياق يېمەك.
ئايدا كەلگەنگە ئاياغ، كۈندە كەلگەنگە تاياق (ماقال).