Chinese→UyghurMain Dictionary
塔夫脱 - 哈特菜法
دۇنيا تارىخى
تافىت - ھارتلېي قانۇنى
ئامېرىكىنىڭ ئىشچىلار بىلەن كاپىتالىستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى قانۇنى.1947 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پارلامېنت ماقۇللىغان. 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يولغاقويۇلغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى روبېرت ئالفۇنسو تافت بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھارتلېي (1903 ?-) ئوتتۇرغا قويغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ قانۇندا سوتنىڭ ئىشچىلارنىڭ 80 كۈن ئىش تاشلىشىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى؛ ئىش تاشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم 60 كۈنلۈك <سوۋۇتۇش مەزگىلى> بولۇشنىڭ لازىملىقى، بۇ مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ تەكشۈرۈشىنى تىنچ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقى؛ ئىشچىلارنىڭ <زاۋۇتنى قامال قىلىش> مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئوخشاش كەسىپتىكى ئىشچىلارغا ۋەكىللىك قىلىپ كاپىتال تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ پەقەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىنىلا ياللاپ ئىشلىتىشكە يول قويىدىغان كېلىشىملەرنى تۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ فوندىنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى؛ كوممۇنىستلارنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كوممۇنست ئەمەسلىكى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىش لازىملىقى بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن يەنە پارلامېنت 1935 - يىلى ماقۇللىغان <ۋاگنېر قانۇنى> (يەنى <دۆلەت بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانۇنى>) دىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ئەركىن ئۇيۇشىشى، كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ۋە توختامنامىلەرنى ئىمزالىشىغا يول قويۇلغان ماددىلارنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇننى تۈزۈشتىكى مەقسەت، ئىشچىلارنىڭ كۈچىنى بۆلۈۋېتىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ھەرىكىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى بوغۇشتىن ئىبارەت.